ئارگېنتىنا خەلقى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئارگېنتىنا خەلقى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە تېخىمۇ ئېغىر جازالارنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

587931
ئارگېنتىنا خەلقى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا خەلقى ئەۋج ئېلىۋاتقان جىنايەتلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

جىنايەتچىلەرگە نازارىلىق بىلدۈرۈش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە تېخىمۇ ئېغىر جازالارنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئارگېنتىنالىقلار بۇئېنوس ئەيرېس قۇرۇلتاي بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلاشتى.

بالىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئائىلىلەرمۇ ئادەلەت تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېپلوماتىيە بىخەتەرلىكى ئورگىنىنىڭ 2016 – يىللىق ئارگېنتىنا جىنايەت دوكلاتىدا، ئاگېنتىنادا ئۆيگە بېسىپ كېرىپ بۇلاش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى ئوغۇرلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۈنسىرى ئەۋج ئېلىپ كىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئاگېنتىنانىڭ جىنايەت ئىستاتىستېكىلىرى ساننى ئانچە كۆپ كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما ھەر تۈردىكى جىنايەتلەرنىڭ دۆلەتكە نىسبەتەن مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئېنىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر