ھاككارىدىكى پارتلاش 1 كىچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

يارىدار بولغان كىچىك بالىلار يۈكسەكئوۋا دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى.

587734
ھاككارىدىكى پارتلاش 1 كىچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە كىچىك بالىلار مەيداندىن تېپىۋالغان نامەلۇم بىر جىسىم بالىلارنىڭ قولىدا پارتلاپ، 1 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 2 كىچىك بالا يارىدار بولدى.

يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۆرۈپ تاشلانغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى مەيداندا ئويناۋاتقان بالىلار، نامەلۇم بىر جىسىمنى تېپىۋالدى. ئۇياق – بۇياققا ئۆرۈپ قاراۋاتقان جەرياندا پارتلاپ كېتىپ، 3 كىچىك بالا يارىدار بولدى. 2 ئۆسمۈرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يارىدار بولغان كىچىك بالىلار يۈكسەكئوۋا دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى.

پارتلاشتا ئېغىر يارىدار بولغان 11 ياشلىق ئۈمىت ئايۋالىق داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئېغىر يارىدار بولغان ھاقان ئايۋالىق بولسا، ۋاندىكى دوختۇرخانغا يوللاندى. ساقچىلار پارتلاش يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ۋەقە ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر