نابى ئاۋجى گوللاندىيەنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

نابى ئاۋجى تۈركىيەدىن قېچىپ كەتكەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گوللاندىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

584588
نابى ئاۋجى گوللاندىيەنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى «ئېتىقاد ساياھىتى» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە يېتىپ باردى.

يىغىندا گوللاندىيە دائىرىلىرىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرۇلۇق ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.

نابى ئاۋجى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن بىر تۈركۈم ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گوللاندىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇلارنىڭ گوللاندىيەدە تۈركىيەگە قارشى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن نابى ئاۋجى، بۇ ئەھۋاللاردىن گوللاندىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىنىڭمۇ سەلەبىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نابى ئاۋجى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ پەقەت قاچقانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى گوللاندىيەدە بىيوكراتلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان ھەتتا گوللاندىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى بالدۇرراق تەكشۈرۈپ، بايقاپ چىققاندىن كېيىن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر