تۈركىيە: ئىراقنىڭ ھەددى ئەمەس...

تۈركىيە، باغداد بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدىكى بەشىكا لاگېرى سوغۇقچىلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

584272
تۈركىيە: ئىراقنىڭ ھەددى ئەمەس...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 9 – نۆۋەتلىك سودا – سانائەت شۇراسى دائىرىسىدە چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بەشىكادا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم بەشىكادىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىكى مۇقىمسىزلىق يۈزىسىدىن ئۇ يەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا «ئىراقتا 63 دۆلەتنىڭ ئەسكىرى بار. ئىراقنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بىلەنلا قېلىشىنىڭ ئارقىسىدا ياخشى نىيەت يوق. تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردىكى مەۋجۇدىيىتى داۋام قىلىدۇ» دېدى.

ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بەشىكا لاگېرىغا ئالاقىدار بۇ پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بىنالى يىلدىرىم، «(بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش) ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددى ئەمەس. بىزنىڭ مەقسىتىمىز تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىدۇر» دېگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر