تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

581411
تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ EXPO 2016 ئانتاليا يەرمەنكىسىدىكى قاتار دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىدىن سىرت قاتار شەھەر باشقۇرۇش ۋە مۇھىت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ ئەل رۇمايھىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان چاۋۇشئوغلۇ قاتار-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە سۈرىيە قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىردەك پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ مەيلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بولمىسۇن، مەيلى رايونلۇق مەسىلىلەردە بولمىسۇن، مەيلى خەلقئارادا بولمىسۇن يېقىن ھەمكارلىق ۋە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدىكى ئازاب—ئوقۇبەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش، سۈرىيەگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش، ئىراقتا مۇقىملىق بەرپا قىلىش، لىۋىيە ۋە يەمەنگە ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل  قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە سەممىي ھالدا بىرلىكە غەيرەت قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر