تۈركىيە: بېسىملارغا قارشى قىرىم تاتارلىرىغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە، بېسىملارغا دۇچار بولۇۋاتقان قىرىم تاتارلىرىغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىش قارارىنى ماقۇللىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بېرىپ ، «قانداش قىرىم تاتار خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىللىك ئورنى بولغان قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ پائالىيەتلىرى قىرىمدىكى ئەمەلىي ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەھكىمە تەرىپىدىن 2016 – يىلى 26 – ئاپرېلدا مەنئى قىلىنغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقىمىز رەسمىي بايانات ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېتىرازلارغا قاراپ چىقىپ، مەنئى قىلىش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق. قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى ھەر دائىم دېموكراتىك ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ئوتتۇرا قويىدىغان، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ئىچىدە ئۆزلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ ھايات كەچۈرۈشتىن باشقا مۇددىئاسى بولمىغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ كوللېكتىپ جازالاش چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىم ئاستىغا ئېلىنماقچى بولۇشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشتۇر. دۇچار بولۇۋاتقان بۇ بېسىملارغا قارشى قىرىم تاتارلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.