«بىخەتەر رايونلار ھاياتلارنى ۋە ئىنسانلىقنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىخەتەر رايونلارنى ھاياتلارنى ۋە ئىنسانلىقنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

578733
«بىخەتەر رايونلار ھاياتلارنى ۋە ئىنسانلىقنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىننىڭ «‹ Daily Sabah› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسى تۆۋەندىكىچە:

ھەلەب ئۇرۇش ئوتىدا كۈلگە ئايلىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي پۈتكۈل دۇنيا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلارنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقلىرى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتسىزلىكى بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىگە زېمىن  ھازىرلاپ بېرىش، دائېشنىڭ تېخىمۇ ئەزىۋەيلەپ كېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ۋەتېخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولۇشىدىن باشقا ئىشقا  يارىمايدۇ.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 9 – سېنتەبىر كۈنى  ئېلان قىلغان ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمى ئىشقا ئاشمىغاندىن بۇيان بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا يۈزلەرچە كىشى قازا قىلدى. ھەلەبتە پەقەت 25 – سېنتەبىر كۈنىلا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە كىشى ئۆلتۈرۈلدى.  مەدەنىيەت – سەنئەتنىڭ سىمۋولى  ۋە ئىەنسانپەرۋەرلىكنىڭ موزايكىسى بولغان بۇ تارىخىي شەھەر سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011 – يىلدىن بېرى ئەڭ ئېغىر ھاۋا ھۇجۇملىرىغا سەھبە بولماقتا.

بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نىشانىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ قورغانلىرىدىن بىرىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ھەلەبتە ياشاۋاتقانلار ۋە پۈتكۈل شەھەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. دەرۋەقە، بەششاد ئەسەد ھۆكۈمىتى سانسىزلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار سەۋىيەسىگە بېرىپ يەتكەن قەلىئاملار ۋە زۇلۇم – سىتەملەرنى يۈرگۈزۈشكە ئۇستا بىر ھۆكۈمەت بولۇپ، زامان قازىنىش ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي مۇرەسسەلىشىش  تىرىشچانلىقىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كوزىرغا ئايلاندۇرۇۋالماقتا. رۇسىيە، ئىران، ھىزبۇللاھ ۋە باشقا مىلىتان گۇرۇپپىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەر كۈنى ھەلەبنى ۋارىل بومبىلىرى ۋە ھاۋام ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ۋەيران قىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىمۇ بۇ قەقلىئامدىن ئۆز نېسىۋېسىنى ئالماقتا. سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 71 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلغان ھەپتىسى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھېچ نومۇس قىلماستىن خەلقئارا جەمئىيەتنى كەمسىتمەكتە ۋە مەسخىرە قىلماقتا.

ئىلگىرىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2015 – يىلى 18- دېكابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان 2254 – نومۇرلۇق قارارى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش، قانۇنلۇق، دېموكراتىك ۋە ھەممە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش يولىدا ئۆتكۈنچى باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقش كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ پىلاننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكىمۇ پايدىسى تېگىشى لازىم ئىدى.

11 – فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلىنغان «دۈشمەنلىكلەرگە خاتىمە بېرىش» كە دائىر مىيۇنخېن كېلىشىمىمۇ جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رىياسەتچىلىك قىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ بېرىشى شەرت ئىدى. بىراق ھېچ ھەيران قالارلىق بولمىغان بىر شەكىلدە يەنە بۇ مۇزاكىرىلەرنىمۇ – بارلىق كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا – ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرىنىڭمۇ ئىقرار قىلغىنىدەك، بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىنى، مىيۇنخېن كېلىشىمىنى ۋە 9 – سېنتەبىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل ھالدا دەپسەندە قىلىپ كەلدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى لازقىيە ۋە ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان رايونلارنى بومباردىمان قىلدى، بومباردىمانلاردا يۈزلەرچە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشكە رۇخسەت قىلمىدى.

بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاقلاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ھەلەبتىكى ئۇرۇش شايكىلىرى تىنچلىق ياكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ كۆزى قىيمايدۇ. شۇڭا بۇنداق قانخور ھۆكۈمەتتىن شەپقەت كۈتۈش ھاماقەتلىكتۇر.

بۇ توقۇنۇشنىڭ ھەربىي نەتىجىسى قانداق بولسا بولسۇن، خەلقئارا جەمئىيەت ھەلەب ۋە سۈرىيەنىڭ قالغان رايونلىرىدىكى پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى پۇقرالار ئۈچۈن بىخەتەر رايونلارنى تەشكىل قىلىشتۇر.

بۇ شەپقەتسىز ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى بەش يىلى بىزگە بىر نەرسە ئۆگىتەلىدى. ئۇ بولسىمۇ بۇنداق ئالجىغان ئومۇميۈزلۈك جىنايەتلەرنى، شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرىنى، مىڭلارچە مۇساپىرنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سەلدەك ئېقىشىنى توختىتىش ئۈچۈن بىخەتەر رايونلارنى تەشكىل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر چارە ئىكەنلىكىدۇر.

بىخەتەر رايونلار سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ قوشكېزەك قانخورلىرىدىن بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېشنىڭ قارا – قويۇق جىنايەت سادىر قىلغان جىنايەتلىرىدىن پۇقرالارنى قوغداشتا، كۆچمەنلەر سانىنى ئازايتىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلارغا پاناھجاي تېپىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىخەتەر رايونلار سۈرىيە خەلقىگە يالغۇز ئەمەسلىكلىرىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن شۇ يەردە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ، ئۇلارغا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك ئەللەرگە پايدىلىقتۇر.

بۇ ھەرگىزمۇ يەتكىلى بولمايدىغان بىر نىشان ئەمەس. سۈرىيەلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان دەرد – ئەلەملەر ۋە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ھەر بىر سىياسىي باسقۇچ مەغلۇبيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئاقىۋەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىخەتەر رايونلارنى تەشكىل قىلىشقا كېتىدىغان سىياسىي ۋە ھەربىي چىقىملار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلارنى بەرپا قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش پىلانى توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەقىقىي ئەندىشىلەردىنمۇ كۆرە باھانىدەك قىلىدۇ. دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ خەۋپىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئەمما كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بىخەتەر رايونلارنى تەشكىل قىلىشنىڭ پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىرىنچىدىن، پۇقرالارنى قوغداشتا؛ ئىككىنچىدىن، بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىشتا؛ ئۈچىنچىدىن،  كۆچمەنلەر سانىنى ئازايتىشتا؛ تۆتىنچىدىن، دائېشقا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشتە؛ بەشىنچىدىن، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئوتىنى مەلۇم سەۋىيەدە ئۆچۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلارنى بەرپا قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەش، سىياسىي ۋە ئەخلاقي جەھەتتىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈش ياكى تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، قانخور بەششاد ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يالۋۇرغاندىن ياخشىدۇر. خەلقئارا جەمئىيەت پۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. بىراق تولىمۇ ئەپسۇسكى، نومۇس قىلارلىق بىر شەكىلدە سىياسىي ئىرادە ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپقا ئىگە ئەمەس.  ئىنسانلىقىمىزنىڭ سۈرىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، زامانىمىزدىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئەخلاقي نۇقساننى ھەرگىزمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر