ئەردوغان گۈلەن، راققە ۋە دائېش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، كېرەكلىك بارلىق ئىشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

576656
ئەردوغان گۈلەن، راققە ۋە دائېش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىدىن قايتىش يولىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار پۈتكۈل ھۆججەت ۋە مەلۇماتلىرىمىزنى ئامېرىكا بىلەن ئورتاقلاشتۇق، ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىگە ھەممە كېرەكلىك دەرىجىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى لازىم. بۇلار قاچىدىغان تۆشۈك تاپالماسلىقى كېرەك» دېدى.

فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قاچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان، «باشقا بىر دۆلەتكە كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇلار زىيان تارتىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇ دۆلەتكە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىمىز. ھەممىدىن مۇھىمى، خەلقىمنىڭ بۇلارنى تونىغان بولۇشىدۇر. بۇ مۇساپە ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق شەكىلدە ئەمەس، زىيانلىق شەكىلدە داۋام قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

سۈرىيەدىكى راققە ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «ئامېرىكا ھەرىكەتنى پ ي د بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئورۇن ئالمايمىز. لېكىن، بۇ ئىشقا پ ي د ۋە ي پ گ نى ئارىلاشتۇرمىسا، بۇ كۈرەشنى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرالايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەدىكى دائېش تېررورچىلىرى سانىنىڭ 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە قولمۇقول ھەرىكەت قىلسا، بۇ ئىشنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، بىخەتەر رايون توغرىسىدىمۇ ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قىلىدىغان ياردىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە «باشتىن تارتىپ تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. كېلىدىغان يېرى يەنە ئۇ يەردۇر. باشقا تاللاش يوق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ جەرابلۇستىن باشلىغانلىقىنى، دائېشنىڭ جەنۇبقا قاراپ قاچقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دائېشنىڭ جەرابلۇسنى بىكارلاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىدىن كېيىن، ئۇ يەرگە جەرابلۇس ئاھالىسى ئورۇنلاشتى. ھازىر مۇنبىجكىمۇ قايتىش باشلىنىدۇ. ئۇ يەرلەر بىكارلانماقتا، ئوخشاشلا ئەررائى بىكارلاندى. بابمۇ دائېشتىن قۇتقۇزۇلۇپ، ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر