تۈركىيە ئەسەد ۋە يانتاياقلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرىنىڭ ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

576652
تۈركىيە ئەسەد ۋە يانتاياقلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھەلەب ۋە ئەتراپىدا سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق 300 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈمى، يۈزلەرچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاكىمىيەتنىڭ بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن باياناتتا، بولۇپمۇ دوختۇرخانىلار، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەركەزلىرى دېگەندەك پۈتۈنلەي ئىنسانىي ئېھتىياجلارغا خىزمەت قىلىدىغان ئۈست قۇرۇلمىلارنىڭ نىشانغا ئېلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى بىر ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەللەر كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە قىلىنغان ھۇجۇملار، ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىپ بەردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، بۇ قىلمىشلارنىڭ پەقەت ئۇرۇش جىنايىتىلا ئەمەس، ئوخشاشلا ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان قورقۇنچلۇق بىر جىنايەت ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

سۈرىيەدە پىرېزىدېنت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرىنىڭ 19 – سېنتەبىردىن بۇيان ئاھالىلەر رايونلىرىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 323 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1334 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر