تۈركىيە مىيامىدا كونسۇلخانا ئاچتى
تۈركىيە، 235 – دىپلوماتىك ۋەكالەتخانىسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قاراشلىق مىيامى شەھىرىدە ئاچتى.
![تۈركىيە مىيامىدا كونسۇلخانا ئاچتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/77ac/0762/cc3d/57e751fdb06e4.jpg?time=1718865390)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىيامى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى، كونسۇلخانىنىڭ ئېچلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا شەھەرنىڭ سىمۋوللۇق ئاچقۇچىنى تەقدىم قىلدى.
تۈرك خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇساپىرلار سىياسىتىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىيامى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مىيامىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ گوياكى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاشلا چىقىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ 235 – دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسى ئىكەنلىكىنى، ئالدىمىزدىكى يىلى بۇ ساننى 250 دىن ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
مىيامى بىلەن ئانتاليانىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن رايوندا ياشايدىغان تۈركلەر بىلەن كۆرۈشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718865390)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718865390)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.