يىلدىرىم: شېھىتلىرىمىزغا ۋە غازىلىرىمىزغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئاز

يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇب قىلىنىشىدا، خەلقنىڭ مۇستەقىللىققە، دېموكراتىيەگە، ئۆزىنىڭ بايرىقىغا ۋە ۋەتىنىگە قانچىلىك ئىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

573177
يىلدىرىم: شېھىتلىرىمىزغا ۋە غازىلىرىمىزغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئاز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەرزىنجان شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 19-سېنتەبىر «غازىلار كۈنى» مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، 95يىل بۇرۇن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرككە غازىلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن كۈندىن بۈگۈنگىچە 19-سېنتەبىرنىڭ «غازىلار كۈنى» بولۇپ تەبرىكلىنىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تارىخ بويىچە بۇ زېمىلارنى بىزگە ۋەتەن قىلغان، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، ئىستىقبالىمىزنى قوغدىغان ۋە بۇ زېمىنلارنى بىزگە ئامانەت قىلغان شېھىتلىرىمىزغا، غازىلىرىمىزغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساق ئاز.»

ئۇ غازىلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم سىگناللىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياش ئەۋلادلار يېتىشكەندە ۋەتەن سۆيگۈسىنى غازى ۋە شېھىتلاردىن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مۇستەقىللىقنىڭ بەدىلى ناھايىتى ئېغىر، بەزىدە جان بېرىمىز، بەزىدە غازى بولىمىز، ئەمما بۇ زېمىنلارغا نامەرتنىڭ قولىنى تەگكۈزەلمەيمىز، ئاياق باستۇرالمايمىز» دېدى.

ئۇ: «تۈرك خەلقى ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى، ئىستىقبالىنى ۋە تەقدىرىنى يۈرىكىدىن كاپالەت ئاستىغا ئالغان بىر قانچە مۇستەسنا خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر» دېدى.

ئۇ ساقچى، ئەسكەر ۋە يېزا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كېلەچىكىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈر دېمەستىن چېگرا رايونلىرىدا، مەملىكەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر