تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورىزمغا كۈرىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن / باسيان ۋە قاندىل رايونلىرىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 13 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

569652
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورىزمغا كۈرىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن / باسيان رايونى بىلەن قاندىلدىكى تېررورچىلار توغرىسىدا ئاخبارات تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مەزكۇر جايغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئاۋاشىن / باسيان رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىككى ئاكتىپ نىشان ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بىتچىت قىلىپ تاشلاندى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇمدا 9 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

يەنە ئاۋاشىن / باسيان رايونىدا ئېنىقلانغان بىر ئاكتىپ نىشان ۋە بىر قورال ئىستىھكامى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلاندى. بۇ يەردىكى ھۇجۇمدا جەمئىي 4 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.

قاندىل رايونىدىكى بىر پىلىمۇت ئىستىھكامى ئوققا تۇتۇلۇپ، نەق مەيداندىكى تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە يوقىتىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر