گۈلەن:پۇشايمان قىلمايمەن ۋە ئوباما ئەردوغانغا توسالغۇ بولسۇن

فەتھۇللاھ گۈلەن سادىر قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوبامانى ئەردوغانغا توسالغۇ بولۇشقا چاقىردى.

568897
گۈلەن:پۇشايمان قىلمايمەن ۋە ئوباما ئەردوغانغا توسالغۇ بولسۇن

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشچە، 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەن، ئامېرىكا خەۋەر تور بېتى Politico نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇزاق، ئالدامچىلىق، قانۇنسىز تىڭشاش ۋە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇش قىلمىشى سادىر قىلغان تەشكىلاتىنى ئاقلاپ «پۇشايمان قىلمايمەن»دېگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى گۈلەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قىلمىشى تالاپەتكە يولۇققاندىن كېيىن،بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەن بىر تەرەپتىن تۈركىيەگە تۆھمەت چاپلاپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

فەتھۇللاھ گۈلەن بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا توسالغۇ بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر