تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى.

566964
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 12 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغان تۈركىيە ئارمىيەسى، تۈركىيە ۋاقتى سەھەر سائەت 4 تىن 53 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ 5 تىن 15 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا رايونغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، رايوندا ئالدىن ئېنىقلانغان بىر دىنامىك نىشان بىلەن تېررورچىلار تۇرىدىغان بىر ئۆڭكۈر بىتچىت قىلىندى. ھاۋا ھۇجۇمىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر