ئەردوغان خىتاي تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلدى
دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك 20 دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان 20 – گ گۇرۇھى يىغىنى ئۈچۈن خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەردوغان خىتاي تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلدى.
![ئەردوغان خىتاي تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b207/4e51/54ac/57ca5337e3fba.jpg?time=1718859612)
![cumhurbaşkanı çin tv1.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/118b/d04d/4a1f/57ca810176534.jpg?time=1718859612)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلقى يىغىندا 20 – گ گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، بۇلتۇر ئانتاليادا چاقىرىلغان 20 – گ گۇرۇھى يىغىنىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە چاقىرىلغان بۇ يىلقى يىغىننىڭمۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
20 – گ گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتناشقان يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى توغرۇلۇق توختالغان ئەردوغان، يىغىندا تۈركىيەمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئاياللار ۋە ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان كۆچمەنلەر كىرىزىسى ۋە تېررور قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇشى لازىملىقىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پۈتكۈل خەلقىگە پارلاق ئىستىقبال يارىتالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان خىتاينىڭ 3 تىرىليون 300 مىليارد تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، 3 تىرىليون 200 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجمى، 5 مىليارد دوللارلىق سودىدىكى ئوڭ پەرقى بارلىقىنى، بۇ رەقەملەرنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك 2 – چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرى بىلەن كېلەچەك ۋەدە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان 20 – گ گۇرۇھى يىغىنىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «20 – گ گۇرۇھى بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشسىزلىق ۋە يوقسۇللۇقنى ئازايتىش پائالىيەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك دەپ قارايمەن. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى، پاراۋانلىقى تېخىمۇ ئوبدان بولىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718859612)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718859612)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.