«فەتھۇللاھ گۈلەن تاپشۇرۇپ برىلمىسە، ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇت مۇددەت يىرىكلىشىپ كېتىدۇ»

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەن تاپشۇرۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇت مۇددەت يىرىكلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

563440
«فەتھۇللاھ گۈلەن تاپشۇرۇپ برىلمىسە، ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇت مۇددەت يىرىكلىشىپ كېتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزداغ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يا تۈركىيە تەرەپتە، ياكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپتە تۇرۇشى لازىملىقىنى، چۈنكى بۇنىڭدىن باشقا يول يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش گىردابىدىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ شۇ كېچىسى يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسياننىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنىڭ ئەسلىدە سىياسىي بىر قارار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خالىغان تەقدىردە ئۇنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش قارارى ئالالايدىغانلىقىنى، گۈلەننى قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر