مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى يالغۇز توختىتىپ قالالمايدۇ

مەۋلۈت چاۋشئوغلۇ ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قاراتقان ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

562460
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى يالغۇز توختىتىپ قالالمايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەپۇ قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا، پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمىنىڭمۇ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە گېزىتى «Kathimerini» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدىكەن، تۈركىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى يالغۇز توختىتىپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋشئوغلۇ ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قاراتقان ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمىگە رېئايە قىلىشنى داۋالاشتۇرالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئۈستىدىمۇ توختالغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلىق تېلىگەن 8 ئەسكەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ قېتىمقى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى تەھدىتىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈركىيە سىرتىدا ئۇۋا تۇتقان ئەزالىرىغا قارشى كۈرەشتە، دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ يارىدىمىنى كۈتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر