تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.
561800
![تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c934/2a73/f0ac/57ac1eaad3efe.jpg?time=1718905947)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن سائەت 16:30 دىن باشلاپ جەرابلۇس ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا تېررورچىلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 21 نىشان زەمبىرەكچى قىسىملار تەرىپىدىن دەل زەربە بېرىش ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئارمىيەسى، شىمالىي ئىراقتىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدىكى PKK نىشانلىرىنى يوقىتىپ تاشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718905947)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.