گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار: تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات ھەرىكىتىدە كۈچىنى نامايەن قىلدى

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ جەرابلۇستىكى ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› دە قىلچىمۇ ئاجىزلاپ كەتمىگەنلىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

561877
گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار: تۈركىيە ئارمىيەسى فىرات ھەرىكىتىدە كۈچىنى نامايەن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ھۇلۇسى ئاكار، 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى. ئاكار تېلېگراممىسىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى. ئۇ، «تۈركىيە ئارمىيەسى قىلچىمۇ ئاجىزلاپ كەتمىگەنلىكىنى، ئىچىدىكى خائىنلار تازىلانغانسېرى تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى نامايەن قىلماقتا. مەلۇمكى، بۇ خائىنانە ھادىسىگە ساھەدە ۋە ئەدلىيەدە قىلچە ئىككىلەنمەستىن بېرىلگەن جاۋاب، خائىنانە ئارزۇسى بارلار ئۈچۈن بىر ئىبرەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تارىختىكى ئورنىنى ئالىدۇ» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا، خىزمىتىنىڭ بېشىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاكار، ئۇنىڭدا قانۇندىن سىرت ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلاتنىڭ تەسىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر