بىنالى يىلدىرىم پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى رەئىسى شەھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشتى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى رەئىسى شەھباز شەرىف تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى  ئۇتۇقلىرىنىڭ ئىلھام بەخش ئېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

560693
بىنالى يىلدىرىم پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى رەئىسى شەھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىستانبۇلدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن پاكىستان پانجاپ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد شەھباز شەرىف بىلەن چەنگەل كۆيدىكى ۋەھدەتتىن سارىيىدا كۆرۈشتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇچرىشىشتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى پاكىستاننىڭ تۈركىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن مىننەتدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ  كەلگۈسىدىمۇ ئۈلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىنالى يىلدىرىم، پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى لايىھەىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋالامشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى رەئىسى شەھباز شەرىفمۇ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى  ئىلىگىرىلەشلىرىنىڭ ئىلھام بەخش ئېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شەھباز شەرىف تۈركىيەنىڭ پاكىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى بارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدار بولغانلارغا شىپالىق تېلىدى. تۈركىيەنى ھەر دائىم تولۇق قۇللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر