«تۈركىيە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانسېرى بەزىلەرنىڭ ھەسەرخورلۇق كېسىلى قوزغىلىپ كېتىدۇ»

تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانسېرى بەزىلەرنىڭ ھەسەرخورلۇق كېسىلى قوزغىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

560267
«تۈركىيە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانسېرى بەزىلەرنىڭ ھەسەرخورلۇق كېسىلى قوزغىلىپ كېتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھرامان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ياۋۇز سۇۇلتان سېلىم كۆۋرۈكىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانسېرى ۋە مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنسېرى بەزىلەرنىڭ ھەسەرخورلۇق كېسىلى قوزغىلىپ كېتىدۇ. تېخى يېقىندىلا ناھايىتى قارا بىر كۈننى باشتىن كەچۈردۇق، ئەمما جەسۇر خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇ قارا كۈننى 20 سائەت ئىچىدە ئايدىڭلىقنىڭ ئازگاللىرىغا تىقىۋەتتۇق. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇنداق قارا كۈنلەر قايتا يۈز بەرمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر