تۈركىيە بۇ يىل ئېمپورت قىلغان توكنىڭ مىقدارى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئېمپورت قىىنغان توكنىڭ مىقدارى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى.

560347
تۈركىيە بۇ يىل ئېمپورت قىلغان توكنىڭ مىقدارى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا توك ئېمپورتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %46 ئازىيىپ، 1 مىليارد 883 مىليون 742 مىڭ كېلوۋاتقا تۆۋەنلىدى.

ئېمپورتنىڭ ئازىيىشىدا توك ئىشلەپچىقىرىش ساھاسىدە يەرلىك ۋە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلتۇرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا گىرېتسىيە، بۇلغارىيە، گىروزىيە ۋە ئىراندىن 3 مىليارد 486 مىليون 606 مىڭ كېلوۋات سائەت توك سېتىۋېلىندى.

بۇلتۇرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا تۈركىيەنىڭ توك ئېمپورتى ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلنىڭ مىقدارى 231مىليون 960مىڭ دوللار بولغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە قوشنا دۆلەت ئېمپورت قىىنغان توك ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇلنىڭ مىقدارى %61 ئازىيىپ، 89 مىليون 97مىڭ دوللارغا تۆۋەنلىدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ مەزگىلدە 142مىليون 862 مىڭ دوللار تۈركىيەدىن سىرتقا چىقمىدى. بۇ يىل ئەڭ كۆپ توك يانۋار ئېيىدا ئېمپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئايدا بۇلغارىيە ۋە گىرېتسىيەدىن 359مىليون 54مىڭ كېلوۋات سائەتلىك توك سېتىۋېلىندى، بۇنىڭغا 18 مىليون 942 مىڭ دوللار سەرپ قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر