ئەردوغان بەھرەين پادىشاھىنى كۈتۈۋالدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن(25-ئاۋغۇست) ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن بەھرەين پادىشاھى ئىسا بىن سالمان ئەل خەلىفەنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.

559541
ئەردوغان بەھرەين پادىشاھىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەھرەين پادىشاھى ئەل خەلىفەنى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ مۇراسىم دەرۋازىسىدا قارشى ئالدى. مۇراسىمدا ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى ئوقۇلدى. ئارقىدىن بەھرەين پادىشاھى مۇراسىم قاراۋۇللىرىغا تۈركچە «مەرھابا ئەسكەر» دەپ سالام بەردى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بەھرەين پادىشاھى مۇراسىم دەرۋازىسىدا رەسىمگە چۈشكەندىن كېيىن، ئايرىم سۆھبەتلەشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش باشلاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بەھرەين پادىشاھى ئىسا بىن سالمان ئەل خەلىفەنىڭ ھۇزۇرىدا، تۈركىيە بىلەن بەھرەين پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدا بەش ساھە بويىچە كېلىشىم ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىملىرى ئىمزالاندى.

يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى بىلەن بەھرەين ئۇنىۋېرستېتى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى، يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىر ۋەكىلى پىروفېسسور شەرەف ئاتەش بىلەن بەھرەين تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شەيخ خالىد بىن ئەھمەت بىن مۇھەممەد ئەل خەلىفە تەرىپىدىن ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر