بىنالى يىلدىرىم جىزرەدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جىزرەدىكى ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنى ئەسىر ئالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

560063
بىنالى يىلدىرىم جىزرەدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ جىزرە ناھىيەسىدە ساقچى تەكشۈرۈش فونكىتىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 11 نەپەر ساقچى شېھىت بولدى ۋە 78 كىشى يارىدار بولدى.

شىرناق ۋالىي مەھكىمىسىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا، جىزرە – شىرناق قۇناق مەھەللىسى تېز سۈرئەتلىك قاتناش يولىدىكى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى پولات قالقان ئەترىتى باشقارمىسىدىن تەخمىنەن 50 مېتىر ئۇزاقلىقتىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى 2 قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە 12 قۇتقۇزۇش ئاپتومبىلى بىلەن دەل ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلدى.

ھۇجۇمدا پولات قالقان ئەترىتى باشقارمىسى بىناسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. شىرناق – جىزرە يولى قاتناشتىن توختىتىلدى.

شىددەتلىك پارتلاش سەۋەبىدىن ناھىيەدىكى نۇرغۇن ساندا ئۆي ۋە دوكانلارنىڭ ئەينەكلىرى چىقىلىپ كەتتى. ناھىيەدە تېررورچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت باشلاندى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جىزرەدىكى ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنى ئەسىر ئالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم ئىستانبۇلدا بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇرۇش باشلاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئازادلىق ئۇرۇشىدا غازى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرك دېگەنگە ئوخشاش <يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم> دەيمىز  ھەمدە 79 مىليون خەلقىمىزنىڭ قېرىنداشلىقىغا، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە قەست قىلماقچى بولغان بۇ پەسكەشلەرگە ھەر تۈرلۈك تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىمىز» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقان كاتتا بىر ئەسەرنى، يەنى ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكىنى پۈتكۈزۈپ، خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش ئالدىدا، ئىپلاس تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەنە مەلۇملۇق شۇملۇقىنى تەكرارلاشتىن ئۇزاق تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى  ۋە دۆلىتىمىزنىڭ باياشاتلىقى ئۈچۈن شۇنداقلا  2023 – يىللىق نىشانىمىز ئۈچۈن ھارماي - تالماي خىزمەت قىلىمىز، يېڭى - يېڭى لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بىت - چىت قىلىمىز. ھېچبىر پەسكەشلەرچە ھۇجۇم بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.  

سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقتاغ تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە مەلۇمات بەدى.

رەجەپ ئاقتاغ: «شىرناقنىڭ جىزرە ناھىيەسىدىكى ساقچى تەكشۈرۈش فونكىتىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 70 ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. 4 نەپەر يارىدارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر