ئەردوغان جو بايدىن بىلەن گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ھەققىدە مەخسۇس سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەردوغان: «جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە بىر دۆلەت ئەگەر مەملىكىتىڭىزدىكى بىرسىنى تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتى ياكى مۇنداقتى دەيدىغان ھەققىڭىز يوق، ئۇنى بىزگە چوقۇم قايتۇرۇشىڭىز لازىم» دېدى.

558323
ئەردوغان جو بايدىن بىلەن گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ھەققىدە مەخسۇس سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مېيىپلارنى دۆلەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرەدە چاقىرىلغان چەك تارتىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ مەسىلىنى بۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان 1999 – يىلىدىن بۇيان گۈلەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئىقامەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى جو بايدىنغا ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە بىر دۆلەت ئەگەر مەملىكىتىڭىزدىكى بىرسىنى تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتى ياكى مۇنداقتى دەيدىغان ھەققىڭىز يوق، ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ 9 – ماددىسى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. مەن بۇگۈن بۇ  سۆزلەرنى جو بايدىنغا تەكرار ئېيتىمەن. بىز ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەت، ئۇنداق ئىكەنمىز، بۇنداق بىر شەخىسنى دۆلىتىدە ساقلاش ئامېرىكىنى ھېچ نەرسىگە ئېرىشتۇرمەيدۇ. بۇنداق بىرسىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئورنىغا قانۇننى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بىزگە  قايتۇرۇشىڭلار لازىم. سىلەر بىزدىن تەلەپ قىلغان چاغدا بىز دائىم قايتۇرۇپ بەردۇق. چۈنكى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز شەرت» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر