تۈركىيە ئارمىيەسى گىروزىيە ئارمىيەسىگە ياردەم قىلدى
گىروزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېۋان ئىزورىئا تۈركىيە ئارمىيەسى يوللىغان «TCG AKÇAKOCA (M-268)» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى گىروزىيەگە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ياردىمىدە بولدى.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى گىروزىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قارا دېڭىزدە ئۆتكۈزگەن مانېۋىرى جەريانىدا يوقۇلۇپ كەتكەن 2 نەپەر گروزىيە ئەسكىرىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشتى.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گىروزىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قارا دېڭىزدە ئۆتكۈزگەن مانېۋىرىدا چوڭقۇرغا شۇڭغۇش مەشقى ئېلىپ بېرىۋاتقان 2 نەپەر گىروزىيە ئەسكىرىنىڭ 16 – ئاۋغۇستتا يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى ۋە گروزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان جىددىي ياردەم تەلىپىگە بىنائەن يوقۇلۇپ كەتكەن غەۋۋاسلارنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئۈچۇن 20 ئاۋغۇسستا «TCG AKÇAKOCA (M-268)» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى يوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا گىروزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېۋان ئىزورىئا تۈركىيە ئارمىيەسى يوللىغان «TCG AKÇAKOCA (M-268)» ناملىق ھەربىي پاراخوتنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە گىروزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىغا پاراخوتنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىزەپ قۇتقۇزۇش پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
گىروزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېۋان ئىزورىئا تۈركىيەگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.