غازىئانتەپتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

غازىئانتەپ شەھەر مەركىزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

555988
غازىئانتەپتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپ شەھەر مەركىزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قورۇسىدا داۋاملىشىۋاتقان توي مۇراسىمىنى قانغا بويىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 74 ئادەم يارىلاندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئەردوغان بۇنداق ھۇجۇملارنى دائېش ۋە پ ك ك غا ئوخشىغان قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ.»

غازىئانتەپ ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا ھۇجۇمنىڭ ئادەم بومبا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دائىرىلەردىن ۋەھشىي ھۇجۇم توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىگىلىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھمەت شىمشەك بىلەن سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت دەرھال رايونغا يېتىپ باردى.

مەسىلىنىڭ نېگىزىدە تۈركىيەدىكى خاتىرجەم مۇھىت ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈش مۇددىئاسىنىڭ ياتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەھمەت شىمشەك، غازىئانتەپ خەلقىدىن قۇتراتقۇلۇقلارغا بويۇن ئەگمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، ناھايىتى چوڭ بىر ئويۇننىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، بىر پۈتۈن خەلقنىڭ ئاقىلانىلىق بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمشەك، دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىمشەك بىلەن ئاقداغ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يارىدارلارنى يوقلىدى ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات ئىگىلىدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ غازىئانتەپ پارلامېنت ئەزالىرىنى رايونغا ئەۋەتتى.

غازىئانتەپتە بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى بۈگۈنكى كۈندە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورىستلىرى ئېىلپ بارغان بىر قېتىملىق قانلىق ھۇجۇمىدىمۇ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر