يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ۋە باش مىنىستىر يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيە مەنسۇپلىرىغا خىتاب قىلدى.

552091
يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ خەلق بىلەن بىرلىكتە مەيداننى خائىنلارغا تاشلاپ بەرمىگەنلىكىنى،قەتئىي بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ۋە باش مىنىستىر يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە پارتىيە مەنسۇپلىرىغا خىتاب قىلدى؛ پارتىيەنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىيە قۇرۇلغان كۈنى «بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى خاتىرىلىتپ ئۆتكەن يىلدىرىم، «بۇ سۆزنىڭ قىلىنغىنىغا 15 يىل بولدى. 15 – ئىيۇلدا خائىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىشى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ يەتتۇقكى، ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىسىغا ئوخشاش بولمىدى، بولمايدۇ» دېدى.

2002- يىلى نويابىردىكى سايلاملارغا «ئۆز بېشىغا، ئىش بېشىغا» دېگەن ھالدا ئىشتىراك قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «‹ھەممە ئىش تۈركىيە ئۈچۈن› دېدۇق ۋە ھەممە ئىشنى تۈركىيە ئۈچۈن قىلدۇق. دۆلەتنىڭ ئېتىلىپ قالغان تومۇرلىرىنى بىر – بىرلەپ ئاچتۇق. ‹ئىنساننى ياشناتقىنكى، دۆلەت ياشىسۇن› دېگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ھەرىكەت قىلدۇق. ‹دۆلەت مىللەتكە تەۋەدۇر› دېدۇق، دۆلەت بىلەن مىللەتنى ئۇچراشتۇردۇق، قۇچاقلاشتۇردۇق. غادىيىۋالمىدۇق، ئەمما تىك تۇردۇق. مىللىي ئىرادىگە قارشى ھېچقانداق يەر ئاستى قۇرۇلما، ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تونىمىدۇق. سانسىزلىغان خىيانەتكە قارشى كۈرەش قىلىپ بۈگۈنلەرگە كەلدۇق.»

پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بۇيان ئېتنىك ۋە دىنىي مىللەتچىلىكىگە، ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىققا روشەن شەكىلدە قارشى تۇرغانلىقىنى، بارلىق رايونلارنى، بارلىق قاتلاملارنى باغرىغا باسقان بىر تۈركىيە پارتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، سۇ سەۋەبتىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مىللەتنىڭ ساداسى، تۈركىيەنىڭ پارتىيەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كىرىزىسلەرنى ئارقىدا قالدۇرغان بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان يىلدىرىم، «خىيانەت گۇرۇھلىرىغا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا، قىسقىسى مىللەتنىڭ يولىغا تاش قويغۇچىلارغا قارىماستىن بىز مىللەتنىڭ يولىغا باش قويدۇق. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھېچكىم بىزنى بۇ يولدىن توختىتالمايدۇ. بۈگۈن تۈنۈگۈنگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈكمىز. گەزى ئۇرۇنۇشىدىن 17-25 دېكابىر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگىچە، 6-7 ئۆكتەبىر رەھىمسىزلىكىدىن چۇقۇرچا ۋەقەسىگىچە بولغان كۆپلىگەن خائىلارچە قىلمىشنى ئۇتۇقلۇق ھالدا بىتچىت قىلدۇق. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، ئاخىرقى قېتىم 15 – ئىيۇلدا مىللەت بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ ئەڭ شەيتانى، ئەڭ پەسكەش ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنى بىر تەرەپ قىلغان ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنى تىز پۈكتۈرگەنلەرنىڭ پارتىيەسىدۇر.» دېدى.

ھەر تۈرلۈك ھۇجۇم ۋە خىيانەتنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ دۆلەتنىڭ ۋە بۇ مىللەتنىڭ بىرلىكىگە ھۇجۇم قىلىشماقتا، ئۇتۇقلىرىنى يوقىتىش، كېلەچەككە دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزنى توختاتماقچى بولۇشماقتا. ھەممە شۇنى ياخشى بىلسۇنكى، جىمجىت ئىنقىلابلارنىڭ پارتىيەسى - ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خەلق بىلەن بىرلىكتە مەيداننى ۋەتەن خائىنلىرىغا تاشلاپ بەرمىدى، قەتئىي تاشلاپ بەرمەيدۇ. غازى مۇستاپا كەمال ئىشارەت قىلغان زامانىۋىي مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىگە يېتىش ئىرادىمىزنى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ 2023 نىشانلىرىنى ھەرگىز توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

باش مىنىستىر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىقلارنى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. تېخىمۇ ئىلغار دېموكراتىك ۋە قانۇن دۆلىتى سۈپىتى بىلەن مېڭىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر يىلدىم، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر تۈركىيە ئامانەت قىلىدىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلدى.

15 يىللىق بۇ مۇشەققەتلىك، ئەمما ئۇتۇقلارغا تولغان بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرىدا كېلەچەككە قاراپ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، «خائىن شۇملۇق مەركەزلىرى بىزنى كېلەچەككە قاراپ كېتىۋاتقان مۇبارەك سەپىرىمىزدىن توختىتالمىدى، قەتئىي توختىتالمايدۇ. خائىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار كىچىك دۇنيالىرىدا ئىغاڭلاپ تۇرۇشسۇن. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نەزەرلىرىمىزنى بىر لەھزىمۇ ئۇپۇقلاردىن ئاغدۇرمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر