دىيارباكىر ۋە ماردىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسى بىلەن ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى.

549574
دىيارباكىر ۋە ماردىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسى بىلەن ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى، 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

PKK تېررورچىلىرى، دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە ساقچىلارنىڭ مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى تارىخىي ئون كۆزلۈك كۆۋرۈكىگە يېقىن جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بومبا پارتلىتىپ، ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 5 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن، 12 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە بولسا، PKK تېررورچىلىرى ساقچىلارنىڭ مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا يول بويىغا توختىتىپ قويغان ئاپتوموبىل بومبىنى پارتلاتتى؛ ھۇجۇمدا بىر ساقچى شېھىت بولدى، بەش نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 30 كىشى يارىلاندى.

پارتلاش ئەتراپتىكى كۆپلىگەن ئۆي – ماكان ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا زىيان يەتكۈزدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن رايوندا باشلىغان تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر