فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئاممىۋى پائالىيەتلەر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملاشماقتا

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريامىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى «شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ، ۋەتەن بۆلۈنمەيدۇ» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

548203
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئاممىۋى پائالىيەتلەر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملاشماقتا
Meydanlardaki demokrasi nöbeti sürüyor2.jpg
Meydanlardaki demokrasi nöbeti sürüyor1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تۈركىيە پۇقرالىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەنقەرەدە تۈنۈگۈنمۇ (8 – ئاۋغۇست كۈنى) ئەر – ئايال، كېچىك بالا، قېرى – ياش مىڭلىغان كىشى قىزىلئاي مەيدانىدا توپلىشىپ، دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىىيىتىگە قاتناشتى.

ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئوسمانلى باربانچىلار ئەترىتىنىڭ كۆرسەتكەن نومۇرلىرى مەيداننى ئاجايىپ جوشقۇن كەيپىياتقا چۆمدۈردى. خەلق ئاممىسى قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرىنى، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا نارازىلىق بىلدۈردى. 

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى ئالدىدىمۇ مەيدانغا قۇرۇلغان چوڭ ئىكرانلاردا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كېچىدىكى ۋەقەلەرنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى «شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ، ۋەتەن بۆلۈنمەيدۇ» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئىستانبۇلدىمۇ تاكسىم مەيدانىغا توپلاشقان مىڭلغان كىشى بەيئوغلۇ رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دېموكراتىيە مۇنبىرىدىن چېلىنغان مارش ۋە ناخشىلارغا تەڭ ئاۋازدا تەڭكەش قىلدى.  «تىك تۇر ئېگىلمە، بۇ مىللەت سەن بىلەن بىرگە»  دەپ شوئارلارنى توۋلاشتى. مەيداندىكى چوڭ ئىكرانلاردا ھەربىي ئىسيان جەريانىدا شېھىت بولغان، يارىدار ۋە غازىلارغا ئائىت قىسقا فىلىمنى كۆردى.

ئىزمىر قوناك مەيدانىدا 15 – ئىيۇلدىن بۇيان ھەر كۈنى كەچتە توپلىشىپ كېلىۋاتقان ھەر ياشتىكى پۇقرالار قوللىرىدىكى تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا، ئوقۇلغان مارشلارغا تەڭ ئاۋازدا تەڭكەش قىلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.   

«ئۆلسەك مەرتلەرچە ئۆلەيلى»، «81 ۋىلايەتتە نۇۋەتتە تۇرىۋاتىمىز» دېگەن لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشىۋالغان كىشىلەر دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىيىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ ئۇلىنىشى ئاڭلىدى ۋە 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە مۇناسۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆردى.

باتماندىمۇ ئادالەت كوچىسى تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن بېزەلدى. كوچىلارغا توپلاشقان خەلق ئاممىسى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە تۈركچە، كۈردچە ۋە ئەەربچە دىنىي كۈيلەر ئوقۇلدى.

گىرەسۇن خەلقىمۇ ئاتاتۈرك مەيدانىدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەيدانلارغا قۇرغان چېدىرلىرىدا ئاخىرىغىچە نۆۋەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر