ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا شەرت قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇشۇ يىلى مارت ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

547542
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا شەرت قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا شەرت قويۇپ، «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنمىسا، مۇساپىرلار كېلىشىمىمۇ ماڭمايدۇ» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن ‹لې موندې› نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مارت ئېيىدا ئىمزالانغان ‹مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى› نىڭمۇ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان، غەربنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تۈركىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلمايۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ 1 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما غەربنىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر