تۈرك مىللىتى بۈگۈن ئۆلمەس داستان روياپقا چىقىرىدۇ

قەھرىمان تۈرك مىللىتى بۈگۈن ئىستانبۇل يېنىكاپى مەيدانىدا ئۆلمەس داستان روياپقا چىقىرىدۇ.

546833
تۈرك مىللىتى بۈگۈن ئۆلمەس داستان روياپقا چىقىرىدۇ

15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن تارىخ يازغان تۈرك مىللىتى، بۇ قېتىمقى ئىستانبۇل يېنىكاپى مەيدانىدىكى دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشىدا بولسا ئۆلمەس داستان روياپقا چىقىرىدۇ.

ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى بۇ مىللەتنىڭ ئۈستىگە بومبا ئېتىلدى. كوچىلاردا ھەربىيچە فورما كىيىۋالغان خائىنلارنىڭ ئايروپىلان، تانكا ۋە قوراللار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدا 239 پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالدى. 3 ھەپتە ئىلگىرى بۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا يامان كۆزلەر تىكىلدى، زېمىنلىرى ئىشغالىيەتنىڭ بوسۇغىسىدىن قۇتۇلۇپ قالدى، ئىگىلىك ھوقۇقى تارتىپ ئېلىنماقچى بولدى.

تۈرك مىللىتى پارلامېنتنى ۋيران قىلىپ تاقىۋېتىش، جۇمھۇر رەئىسنى قەتلى قىلىش، چېگرالىرىنى قايتىدىن سىزىش مەقسىتىدە تەييارلانغان پەسكەشلەرچە سىنارىيەنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلدى. بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، 22 كېچە بويىچە كوچىلاردا كۈن چىقىشىنى كۈتۈپ، قاراڭغۇلىقنىڭ ئورنىغا يورۇقلۇق دەسسىگىنى كۆرۈپ خاتىرجەم  ھالدا  ئۆيىگە قايتتى ۋە ناھايەت 23-كۈنى ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، مەن شۇ پارتىيەلىكمەن، مەن بۇ ئېتنىك توپلۇققا تەئۇللۇقمەن، دېمەستىن قولىدا تۈركىيە بايرىقىنى ئېلىپ بىر قەلب، بىر نەپەس بولدى.

بۇ مىللەت 15-ئىيۇل كېچىسى ئىگە چىققان دېموكراتىيەسى ۋە  جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەلبىسىنى ئىستانبۇل يېنىكاپىدا ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلدى.

ئوخشاشلا، بۇ كۈنلەردە دىيارباكىردىن ئەدىرنەگىچە، ئانتاليادىن سىنوپقىچە بولغان ھەر قايسى شەھەرلەردە كوچىلارغا چىقىپ «تۈركىيە پارچىلانمايدۇ»دېگەن شوئارلارنى پېنسىلۋانىيادىكى خائىنغا ۋە ئۇنىڭغا يانتاياق بولغانلارغا قارشى توۋلاشتى.

سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن كېلىپ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن، ۋەتەن سۆيگۈسىنى بۇ زېمىنلاردا چوڭقۇر ھېس قىلغان يۈز مىڭلارچە كىشىنى سېپىغا قوشتى.

بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈرك مىللىتى

دوستىڭغا ئىشىنىپ، دۈشمىنىڭدە ۋەھىمە پەيدا قىلىسەن.

ئىستىقلال مارشىڭ بىلەن پۈتكۈل شېھىتلىرىڭنى ياد ئېتىسەن، بايرىقىڭ بىلەن مۇستەقىللىقىڭنى مۇستەھكەم قىلىسەن.

سېنىڭ ئىمانىڭ شۇنچىلىك كۈچلۈككى، ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغىنىڭدا قايتىدىن تۇغۇلىسەن، تىز پۈكتۈرۈلمەكچى بولغىنىڭدا تېخىمۇ قۇدرەتلىنىسەن.

www.trt.net.tr/mitinghttp://www.trt.net.tr/miting



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر