دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى خەلق «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى» نى قوللىدى

دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەيدانلارنى لىق تولدۇرغان خەلق مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن، ئىستانبۇل يەنىكاپىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى» نى قىزغىن قوللىدى.

547562
دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى خەلق «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى» نى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك مىللىتىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى كۆز ئالدىدا نامايان قىلغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى» نى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە تۇرۇپ قىزغىن قوللىغان خەلق، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارغا لەنەت ياغدۇردى.

پايتەخت ئەنقەرەدە قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرى، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمىنى كۆتۈرگىنىچە قىزىلئاي مەيدانىغا توپلانغان خەلق، «شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ، ۋەتەن پارچىلانمايدۇ» دەپ شوئار توۋلىدى. مەيداندىكى سەھنىدىن خەلقنى «بىرلىك ۋە باراۋەرلىك» نى مەزمۇن قىلغان سالاملاش نۇتۇقلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چوڭ ئېكرانلىق تېلېزوردا ئىستانبۇل يەنىكاپىداكى يىغىلىش كۆرسىتىلدى. ھۆرمەتتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئىستىقلال مارشى ئوقۇغان خەلق، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىغا قۇلاق سالدى.

ئىزمىردىكى كوناك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر، قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى(FETÖ) غا قارشى شوئار توۋلىدى. كىشىلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى ۋە «مىللەت مارشى» نى بىرلىكتە ئوقۇدى.

شانلىئۇرفادىكى رابىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا، تۈرك، ئەرەب، كۈرت(كورد) ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەر ھەمدە سۈرىيەدىن كەلگەن مۇساپىرلار تەخمىنەن 40 گىرادۇسلۇق ئىسسىققا قارىماي ئىشتىراك قىلدى.

ئانتاليا جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىكى يىغىلىشتا، كىشىلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەنىكاپىدا سۆزلىگەن نۇتقىنى يانفونلىرىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇش ئارقىلىق قوللىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

چورۇمدىكى ھۆررىيەت مەيدانىغا توپلانغان كىشىلەر، 15-ئىيۇل كېچىسى شېھىت بولغانلار ۋە تۈركىيەنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دۇئا ئاخىرلاشقىچە كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر