تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىشنى خالايدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە كىرىزىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

545409
تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن رۇسىيەنىڭ تاس (TASS) ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ: «بۇ مەسىلىدە ھەردائىم رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. كېلەچەككە ئىشىنىش ۋە سۈرىيەدە سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ 2015-يىلى سېنتەبىردە سوچىدا، ئارقىدىن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە، خەلقئارالىق سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىبراھىم كالىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 9-ئاۋغۇستتا سائىنت پېتېرسبۇرگدا ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«نورماللىشىش باسقۇچى ئىككى رەھبەرنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە قەتئىي ئىرادىسى سايىسىدە باشلىدى.»

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق لايىھەلىرى توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا: «ئەنقەرە موسكۋا بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقلىرىنى بارلىق ساھەلەردە داۋام قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى لايىھەلەر توغرىسىدىمۇ خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغان نۇقتا، بېسىلغان قەدەملەرنىڭ ھەرئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇشى، رايونلۇق ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن چارە تېپىشتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

باياناتچى ئىبراھىم كالىن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلەپ، تۈركىيەنى قوللىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «پۇتىننىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلەپ قىلغان تېلېفونى، ئىنتايىن مۇھىم سىگنال ئىدى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى سىياسىي رەھبەرلىك ۋە ھاكىمىيەت تېخىمۇ كۈچلەندى، دېموكراتىك قانۇنىي سالاھىيەت تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ نورماللىشىدۇ ۋە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر