ياۋروپا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېنىق بىلمەيدۇ

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سوربجون جاگلاندنىڭ تۈركىيەنى قوللاش مەقسىتىدە قىلغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

544616
ياۋروپا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېنىق بىلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سوربجون جاگلاندنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY ) نىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە قىلىنغان زىيارەتنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىق بىلەن مەغلۇب قىلىنغانلىقىنى ۋە دېموكراتىيەنىڭ بۇ باسقۇچتىن تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى جاگلاند فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى، تۈركىيە خەلقىنى دېموكراتىيەگە ئىگە چىققانلىقلىرى ئۈچۈن تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تۈركىيەدىكى دېموكراتىك ئىدارە-ئورگانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ياۋروپادا ئېنىق بىلىنمىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قايتقىنىدا تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ۋە كېيىنكى باسقۇچلاردا تۈركىيە بىلەن داۋاملىق يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر