ئەردوغان: 7-ئاۋغۇستتىكى يىغىلىشتا مەيدانلاردا تۈركىيە بايرىقىدىن باشقا بايراقلار بولمىسۇن
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-ئاۋغۇستتىكى يىغىلىشتا تۈركىيە بايرىقىدىن باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئۇيۇشما ۋە پارتىيە بايراقلىرىنىڭ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (4-ئاۋغۇست) بەشتەپەدە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا سۆز قىلغاندا، 7-ئاۋغۇستتىكى يىغىلىشنىڭ شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىلىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەيداندا تۈركىيە بايرىقىدىن باشقا، پارتىيە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەشكىلات بايراقلىرىنىڭ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئەزەربەيجان ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەر بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بايراقلىرى بولسا بولىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.