خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئەنقەرەگە ۋەكىل ئەۋەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەگە ۋەكىل ئەۋەتتى.

544553
خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئەنقەرەگە ۋەكىل ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى جاڭ مىڭنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە 3- ئاۋغۇستتىن 6 – ئاۋغۇستقىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەن.

بۇ دائىرىدە تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن جاڭ مىڭنىڭ 3 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا سىياسىي مەسىىلىلەردىن سىرت ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن سىرت ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى كۈتۈلمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى، تۈركىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ‹ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دېموكراتىك تۈزۈملەردە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئورنىنىڭ يوقلۇقىنى ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولمىغانلىقىنى› ئارقا – ئارقىدىن تەنقىدلەۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر