تۈركىيە  ھەيئىتى (FETÖ)نىڭ ئىچكى يۈزىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن غەرب ئەللىرىدە ئۇچرىشىشىلاردا بولماقتا

تۈركىيە  ھەيئىتى (FETÖ)نىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

543993
تۈركىيە  ھەيئىتى (FETÖ)نىڭ ئىچكى يۈزىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن غەرب ئەللىرىدە ئۇچرىشىشىلاردا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى(FETÖ/PDY) نىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانىدىن كېيىنكى باسقۇچلارنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

كومىتېت باشلىقى قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مالاتيالىق پارلامېنت ئەزاسى تاھا ئۆزخان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قەھرىمانماراشلىق پارلامېنت ئەزاسى ماھىر ئۈنال، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇللۇق پارلامېنت ئەزاسى ئوغۇز كان سالىجى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئەرزۇرۇملۇق پارلامېنت ئەزاسى كامىل ئايدىن قاتارلىق سىياسەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، تۈركىيە – ئامېرىكا كېڭىشى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى. ئاندىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى توم مالىنۇۋىسكى بىلەن كۆرۈشتى. ئارقىدىنلا ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسىلىھەتچىسى ۋىكتورىيا نۇلاند بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

كومىتېت باشلىقى تاھا ئۆزخان زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنلاردا، قارشى تەرەپكە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتىن باشقا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى نىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مەسلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تاھا ئۆزخان ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كەسكىن بىر شەكىلدە ئىپادىلىگەنىلىكىنى  تىلغا ئېلىپ: «بىزگە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇررۇلۇشى بولسا، قانۇنىي رەسمىيەت جەريانىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى» دېدى.

تاھا ئۆزخان ئامېرىكا تەرەپكە 1981 – يىلى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ھەمدە جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار 9 – ۋە 10 – ماددىلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

تاھا ئۆزخان:  «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ تەشكىلاتى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئىنتايىن ئاسانلا  ئالاقە ئورنىتىۋاتقان ئۇچۇر تورى بىرىنچى بولۇپ كېسىپ تاشلىنىشى لازىم. ئىلگىرىكى قايتۇرۇپ بېرىش ئەھۋاللىرىغا ئوخشاشلا جىنايەتچى شەخسكە قىلىنىدىغان تۇنجى مۇداخىلىنىڭ ئۇنى قاماققا ئېلىش، سىرت بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش بولۇشى لازىم» دېدى.

تاھا ئۆزخان فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى گۈرۈگە ئېلىۋالماسلىقى لازىملىقىنى كەسكىن بىر شەكىلدە تىلغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ھەيئىتى ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىمۇ ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىردىن يەنە بىر ھەيئەت بېلگىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

ھەيئەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانىدىن كېيىنكى باسقۇچلارنى مۇزاكىرىلەشمەكتە.

بېلگىيەدە، بۇ قېتىمقى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانىنى شۇنداقلا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى يۈزىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ھەيئەت، بىريۇسسېلدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھەمدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بولسا، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى باشلىقى بىلەن فىرانسىيە پالاتاسىدا كۆرۈشتى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر