تۈركىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە مالىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

باش مىنىستىرلىقنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش تەكلىپى ئومۇمىي كېڭەشتە رەسمىي قوبۇل قىلىندى.

543558
تۈركىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە مالىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە مالىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن بىر يىل  مۇددەتلىك رۇخسەت بېرىلىشىگە دائىر باش مىنىستىرلىقنىڭ تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دا قوبۇل قىلىندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى مالى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە ۋەزىپىگە ئەۋەتىش مۇددىتىنىڭ يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قوبۇل قىلىندى.

مۇزاكىرىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر