سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان 17 دانە زەمبىرەك ئوقى تۈركىيە تەۋەلىكىگە چۈشتى

يېرىم كېچىدە لازىقىييەنىڭ كەسەب رايونىدا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن بايىربۇجاق تۈركمەنلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

542407
سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان 17 دانە زەمبىرەك ئوقى تۈركىيە تەۋەلىكىگە چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان 17 دانە زەمبىرەك ئوقى تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتى يايلاداغى ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايونغا چۈشتى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

يېرىم كېچىدە لازىقىييەنىڭ كەسەب رايونىدا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن بايىربۇجاق تۈركمەنلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى. تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشقان توقۇنۇش جەريانىدا ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقلىرىدىن 17 دانىسى يايلاداغى ناھىيەسىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان قىزىلچات مەھەللىسى ئەتراپىغا چۈشتى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرىدىن ئېتىلغانلىقى ئېنىقلانغان زەمبىرەك ئوقلىرىغا چېگرادىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش پەيتى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن دەل ۋاقتىدا ئوخشاش شەكىلدە قايتۇرما زەربە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر