ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارنى تازىلاش ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئىسلاھاتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان قارارلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

541461
ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارنى تازىلاش ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئىسلاھاتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 18699، قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 10137 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى توغرىسىدا توختىلىپ، شېھىت سانىنىڭ 237، يارىدارلار سانىنىڭ 2191 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، مەغلۇب قىلىنغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن خەلقنىڭ دۇنيادا ئىككى مىڭ ئۇۋىسى بار بۇ قانۇنسىز تەشكىلاتنى ناھايىتى ياخشى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرىدا تەشكىلاتلىنىش بار. ھەممىسىنى تازىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دائىرىدە ناھايىتى كۆپ كىشى خىزمەتتىن بوشىتىلدى. بۇ خىزمەتتىن بوشىتىش مۇساپىسىنى جىددىي ھالەت بويىچە داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ ئىشنىڭ نورماللىشىشقا كىرمىگەنلىكىنى كۆرسەك فىرانسىيەگە ئوخشاش ئۇزارتىشىمىز مۇمكىن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 7- ئاۋغۇستتا ئىستانبۇل يەنىكاپىدا بارلىق قاتلاملار ئىشتىراك قىلىدىغان بىر قېتىملىق يىغىلىش ئارقىلىق دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش نۆۋەتلىرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرى ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر