تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەلەبتىكى ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رەسمىي قورشاۋ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

540249
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەلەبتىكى ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەلەبنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇش تۇختىتىش كېلىشىمى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش سەپسەتىسى ئاستىدا قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىغا قارىتا «تولىمۇ ئازابلىنارلىق، ئىبرەتلىك ۋە قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىش» دەپ باھا بەردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھەلەب شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇملار تۈپەيلى ئۇزۇندىن بۇيان رەسمىي قورشاۋ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ھەلەبنىڭ شەرقىي رايونىنىڭ باشقا رايونلارغا تۇتۇشىدىغان قاتناش يولىنىڭمۇ پۈتۈنلەي قورشاۋ ئاستىغا كىرىپ قالغانلىقىغا قارىتا چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن باشقا خەلقئارا جامائەتچلىكنىڭ تېزراق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ئىسنانىيەتكە خىلاپ قىلمىشنى يوقىتالايدىغان كۈچلۈك ۋە مەنىلىك قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

باناياتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ھەلەبكە، پۇقرالارغا ۋە پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى دەرھال توختىتىلىشى لازىم. ھەلەبتە ۋە سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا قورشاۋ ئاستىدا قالغان بىر قانچە مىليون پۇقرانى ئىسنانىيەتكە پۈتۈنلەي زىت شارائىتلار ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلايدىغان ئىشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىش لازىم. خەلق ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەلىك ياردەملىرىگە شەرتسىز ئىگە بولالىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇلىشى كېرەك. دۇنيادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ زۇلۇم - سېتەملەرنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە خىلاپ سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرگە مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان يېڭى ھالقىلارنى قوشىدىغانلىقى قەتئىي ئۇنتۇلماسلىقى لازىم» 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر