ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبەرلىرى TRT دە زىيارەتتە بولدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ـ TRT نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

539789
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبەرلىرى TRT دە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ھاياتى يازىجى، مۇستاپا ئاتاش، جەۋدەت يىلماز، مەھدى ئەكەر، ئۆزنۇر چالىك، شابان دىشلى، چىغدەم قارائاسلان، ۋەدات دەمىرئۆز بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۈتفىيە سەلۋا چام تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ـ TRT  نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاياتى يازىجى، «15 – ئىيۇل مىللەت سىتۇديوسى» دا TRT Haber قانىلىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشىغا قاتنىشىپ بايانات بەردى؛ ئۆتمۈشتە تۈركىيەدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۇنجى نىشانىنىڭ TRT بولغانلىقىنى ۋە بۇ يەردە خەلقنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارنى جىمىقتۇرۇش مەقسىتىدە باياناتلارنىڭ ئوقۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يازىجى، «بۇ قېتىممۇ بۇ يەرنى نىشانغا ئالدى. لېكىن TRT، باشقا ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش، ھەتتا خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورمال تارقىتىشىنى باشلىدى» دېدى.

ھاياتى يازىجى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تاپقان ئىمكانىيەتلىرى ئارقىلىق خەلققە خىتاب قىلىشىنىڭ، خەلقنى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىشىنىڭ، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭمۇ ئوخشاش چاقىرىقنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن خەلقنىڭ تېخىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا كوچىلاردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى پەقەت ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە دېموكراتىك روھىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھاياتى يازىجى، ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان قىسمى ھەققىدە چوقۇم ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار توغرىسىدىكى باياناتى ۋە ئۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن يازىجى، «ئارمىيە بىزنىڭ ئارمىيەمىز، تۈرك مىللىتىنىڭ ئارمىيەسى. ئەسلىدە كىملەرنىڭ بۇ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە كىملەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ئازدۇر – كۆپتۇر ئوتتۇرىغا چىقتى، بىلىندى» دېدى.

ھاياتى يازىجى، مىللەتنىڭ ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئىشتىن بۇ ۋاسىتە بىلەن تازىلىنىدىغان بولۇشىنىڭ بولۇشىنىڭ تۈرك مىللىتى ئۈچۈن بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر