تۈركىيە ئارمىيەسى يۈزلەرچە گېنېرالنى قوغلاپ چىقاردى...
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامە ئارقىلىق يۈزلەرچە گېنرال، ئوفېتسىر ئارمىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئونلارچە تېلېۋىزىيە قانىلى، گېزىت - ژۇرنال ۋە رادىيو تاقىۋېتىلدى، بەزى قوماندانلىقلار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تارمىقىغا كىرگۈزۈلدى.
![تۈركىيە ئارمىيەسى يۈزلەرچە گېنېرالنى قوغلاپ چىقاردى...](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7b21/93cd/4b0d/579900a850bfb.jpg?time=1718830484)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇشى كېرەك بولغان چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق بەزى ئىدارە – ئورگانلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى «قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامە» رەسمىي گېزىتنىڭ قايتىلانغان سانىدا ئېلان قىلىندى.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان قانۇن ھۆكمىدىكى قارارنامىگە ئاساسەن، 149 گېنېرال، 1099 ئوفېتسىر، 436 تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفېتسىر تۈركىيە ئارمىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە قوماندانلىقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىغا كىرگۈزۈلدى.
بۇلاردىن سىرت 16 تېلېۋىزىيە قانىلى، 3 خەۋەر ئاگېنتلىقى، 23 رادىيو، 45 گېزىت، 15 ژۇرنال، 29 نەشرىيات ۋە تارقىتىش ئورنى تاقىۋېتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718830484)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718830484)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.