تۈركىيە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، فىرانسىيەنىڭ رۇئېن شەھىرىدىكى چېركاۋغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

538901
تۈركىيە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇئېن شەھىرىدىكى بىر چېركاۋدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كېلىپ بىر دىن ئادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بىر دىنىي ئورۇندا بىر دىن ئادىمىنى ۋە ئىبادەت قىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنى نىشانغا ئالغان بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئەڭ مۇبارەك نۇقتىلارنى نىشانغا بۇ تېررورچىلارنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغىنىدەك ئىنسانلىق بىلەنمۇ ئالاقىسى يوقتۇر. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە فىرانسىيە بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. فىرانسىيە خەلقىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز.»

رۇئېندىكى بىر چېركاۋدا ئەتىگەنلىك ئىبادەت ئادا قىلىنىۋاتقان ئەسنادا راھىپ بىلەن ئىشتىراكچىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىككى كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ھۇجۇمدا گۆرۈگە ئېلىنغان راھىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە بىر كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر