بىنالى يىلدىرىم: «فەتھۇللاھ گۈلەننى نېمە ئۈچۈن قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى جۈشىنەلمەي قېلىۋاتىمىز»

بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلارنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

538586
بىنالى يىلدىرىم: «فەتھۇللاھ گۈلەننى نېمە ئۈچۈن قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى جۈشىنەلمەي قېلىۋاتىمىز»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى توغرا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلماقتا. بۇ دائىرىدە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  چەت ئەل ئاخباراتچىلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.

چەت ئەللىك ئاخباراتچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ئالدىنقى قاتارغا چىققان تېما، ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى بولدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىدا چىقىدىغان «Wall Street Journal» گېزىتى مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ھەربىي ئىسيانغا قانناشقان گۇماندارلارنىڭ، بۇيرۇقنى فەتھۇللاھ گۈلەندىن ئالغانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلارنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر: «ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى قەلبىمىزنى ئازابلىماقتا. نېمە ئۈچۈن قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى  چۈشىنەلمەي  قېلىۋاتىمىز» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىنىڭ پاكىت تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «265 كىشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومباردىمان قىلىندى ۋە تانكىلار بىلەن چەيلەپ ئۆلتۈرۈلدى. سىز يەنە نېمىنىڭ پاكىتىنى سورايسىز؟» دەپ سوئال قويدى.

بىنالى يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئامېرىكىغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «The Guardian» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىمۇ  فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى نۇقتىلىق تېما بولدى.

تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىنالى يىلدىرىم، «بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزىگە نىسبەتەن رايوندا ۋە خەلقئارادا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قويۇشى لازىم» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم ھەربىي ئىسيان يۈز بەرگەن كېچە ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بۇنىڭ خەلققە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خۇلاسىگە كەلدۇق ۋە خەلقنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە شۇنداقلا دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئىگە چىقىشقا چارقىرىق قىلدۇق. بۇ ھۇجۇمنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئەسكەر فورمىسغا كىرىۋالغان ئىنسانلارمۇ بولدى. بۇلار دەرھال ئىقرار قىلىپ، بولغان ئىشلارنى ئاڭلاتتى. خۇددىي تۈركچە تېرىمدە دېيىلگىنىدەك، «بۇلبۇلغا ئوخشاش سايراش» قا باشلىدى. دەسلەپكى ئىقرارنامىلىرىغا قارىغاندا، بۇ ئىنتايىن ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلىنىۋاتقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش بولۇپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قەدەممۇ قەدەم ئېلىشقان ئىكەن. ئارمىيە باش قوماندانىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقان چېغىدا، ئۇنىڭغا فەتھۇللاھ گۈلەنگە تېلېفون قىلسا بولىدىغانلىقىنى ۋە تېلفوندا كۆرۈشتۈرەلەيدىغانلىقلىرىنى، ئارمىيە باش قوماندانىنىڭ بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئىيتقانلىقى ئاشكارىلاندى» دېدى.

فەتھۇللاھ گۈلەن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا خەلقنىڭ ئېڭىدا «ئەجىبا، بۇ ئىشتا ئامېرىكىنىڭ قولى ۋە ياردىمى بارمىدۇ؟» دېگەن سوئاللارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بىنالى يىلدىرىم، ئامېرىكىنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشغا ئىشەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم ھەربىي فورما ۋە مەنسەپلەرگە ئىگە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەربىي ئىسيان جەريانىدا خۇددىي تېررورچىلاردەك ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «پۇقرالارغا قارشى ھەرىكەت قىلىشتى، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشتى، پارلامېنت، باش مىنىستىرلىق ۋە جۇمھۇر رەئىسلىككە ئوخشاش مۇھىم بىنالارنى بومباردىمان قىلىشتى. بۇلارغا ئەمدى بىز قانداق قىلىشىمىز لازىم؟ ھە بوپتۇ، ياخشى قىپسىلەر، خۇش كەپسىلەر دەيلىكمۇ؟  مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز كېرەكمۇ؟ دۆلىتىمىزنى تەنقىد قىلىۋاتقانلار بىزنىڭ زادى قانداق قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؟» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەنگلىيەنىڭ «Sky News » قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي ئىسياندىن كېيىن باشلانغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاپ بېرىپ، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق يوپۇرۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بىز ئالدى بىلەن خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىمىز. ئاندىن باشقىلارغا قارايمىز، خەلقىمىز نېمە دېسە شۇنى قىلىمىز» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كىلۇد جونكېرنىڭ «تۈركىيە ئەگەر ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى توڭلايدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە جونكېرنىڭ دىققەت قىلىپراق بايانات ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە شۇنداق چوڭ بىر  تەھدىتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان پەيتتە، قولىنى پۇلاڭلىتىپ، تۈركىيەگە تەھدىت سېلىپ يۈرۈشى ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىدۇر، ئەيىپكە بۇيرىمىسۇن» دېدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر