ۋان ۋە دىيارباكىردىن يەنە شېھىت خەۋىرى كەلدى

ۋاننىڭ ئىپەك يولى ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر، ئىككىسى ساقچى بولۇپ جەمئىي ئۈچ خەۋپسىزلىك خادىمى يارىلاندى.

537965
ۋان ۋە دىيارباكىردىن يەنە شېھىت خەۋىرى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار ھاجى بەكىر مەھەللىسىدە يولنى توسۇپ ئىككى ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەرگەن PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. تېررورچىلار ئەسكەرلەرگە ياردەم قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ھەربىي بىرونىۋىكقا راكېتامىيوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا بىرونىۋىكتىكى بىر ئەسكەر شېھىت بولغان، بىر ئەسكەر يارىلانغان.

ۋەقەدىن كېيىن باشلىغان توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى يارىلاندى، رايوندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

دىيارباكىرنىڭ سىلۋان ناھىيەسىدىمۇ تېررورچىلارنىڭ ئەسكەرلەرگە راكېتامىيوت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان سىلۋان سۇ ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان نۇقتىغا راكېتامىيوت ئوقىنىڭ تېگىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.

يارىلانغان ئەسكەر بالىنىستقا ئېلىندى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر