تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشى داۋاملاشماقتا

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەيدانلاردا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشى داۋاملاشماقتا.

537639
تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن باشلانغان «دېموكراتىيەنى قوغداش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە ئىستانبۇلنىڭ ساراچخانە رايونىدىكى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان كەڭ خەلق ئاممىسى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى مەيدانىنى نامايەن قىلدى.

ئىستانبۇلدا ئامما جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۆيى جايلاشقان ئۈسكۈدارنىڭ قىسىقلى رايونى، تاكسىم مەيدانى، بەشتىكتاشتىكى ئىھلامۇر باغچىسى، ئەسەنلەر، قاسىمپاشا، ئەييۇب قاتارلىق شەھەرنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىدا «دېموكراتىيەنى قوغداش» يولىدا مەيدانلارنى تولدۇردى.

پايتەخت ئەنقەرەدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ ئادرېسى قىزىلئال مەيدانى ئىدى...

ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەلىھ گۆكچەك جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئوغلى بىلال ئەردوغان ۋە بىر قىسىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قىزىلئاي مەيدانىدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، مۇنبەردىن خەلق ئاممىسىغا سالام بەردى ھەمدە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇدا 11 كۈندىن بۇيان دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان پۇقرالار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «ئاخىرلاشتى» دېمىگۈچە مەيدانلاردىن ئايرىلمايدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.

كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان نۇقتىلاردىن بىرى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ۋە مىللەت جامەسى ئىدى. بۇ يەردە دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەنلەر جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئەتراپىدىكى خاتىرە دەپتەرلىرىگە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەسىراتلىرىنى يازالايدۇ.

 دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئىزمىردىكى ئادرېسى قوناق مەيدانى تۈنۈگۈن كۈچىمۇ مىڭلارچە كىشىنى كۈتۈۋالدى.

ئىزمىرلىقلارمۇ دۇنيا تارىخىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالىدىغان قەتئىي ئىرادىسى بىلەن مىللىي ئىرادىگە ۋە كېلەچىكىگە ساھىب چىقتى.

دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر