«ئامېرىكا گۈلەننىڭ تۈرك ئادالىتىدىن قېچىشىغا ياردەمچى بولماسلىقى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

536891
«ئامېرىكا گۈلەننىڭ تۈرك ئادالىتىدىن قېچىشىغا ياردەمچى بولماسلىقى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى تەشكىلاتنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى كالىننىڭ «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ لىدېرى ھېساب بېرىشى كېرەك» ناملىق ماقالىسى نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىندى؛ 15 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ تىياتىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىش بىلەن ئوخشاشلا بىپەرۋالىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كالىن، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ ئىقرارنامىلىرى ۋە ئۇلاردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن پاكىتلارنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ لىدېرىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. تېررورلۇق تەشكىلاتى (گۈلەنچىلەر) نىڭ 1980 – يىللاردىن بۇيان تىنچلىقپەرۋەر مائارىپ پىداكارلىرىدەك كۆرۈنۈشكە ئورۇنغانلىقىغا، ئەمما ھەردائىم قاراڭغۇ تەرەپلىرىنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان كالىن، ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىگە سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۇنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئېستىمال قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەۋجۇت كېلىشىمنىڭ رۇھىغا ئاساسەن فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئادەم (گۈلەن) نىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈرك ئادالىتىدىن قېچىشىغا ياردەمچى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، تۈرك خەلقىنىڭ يېقىن تارىختا بۇنچىلىك بىرلىك ئىچىدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ھالدا، ھەرقانداق بىر دېموكراتىيەدە بەزى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما، 15- ئىيۇلدا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە قانۇننىڭ كۈچى مەسىلىسىنىڭ بەس – مۇنازىرىگە ئوچۇق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كالىن، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئادالەتنىڭ رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىنى ۋە بۇنداق بىر كىرىزىسنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر