تۈركىيە: ئامېرىكا گۈلەننى قايتۇرۇپ بەرمىسە مۇناسىۋىتىمىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرمەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بەرمىگەن تەقدىردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

537327
تۈركىيە: ئامېرىكا گۈلەننى قايتۇرۇپ بەرمىسە مۇناسىۋىتىمىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمىگەن ئەھۋالدا، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىر دۆلەتتە ياشىسا ۋە ئامېرىكا ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرمىسە مۇناسىۋەتلىرىمىز ئەلۋەتتە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنى خالىمايمىز.»

پات يېقىندا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ كېلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشى جون كېررىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ فەتھۇللاھ گۈلەن توغرولۇق ئامېرىكىغا بىلدۈرۈلگەن ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىش تەلىپىگە ئامېرىكىنىڭ ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەنلىكلىرىنىمۇ ئىپادە قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشنى كۈتۈۋاتىمىز.»

ئۆتكەن ھەپتە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىغا فەتھۇللاھ گۈلەن توغرۇلۇق تۆت ماتېرىيال ئەۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر